تېبابەت تورى www.tibabat.cn

تۇمشۇق شەھەرلىك تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تېبابەت ئامبۇلاتۇرىيەسى باشقۇرىشىدىكى ساغلاملىق تور بىكىتى

يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى

2019-9-7 tibabat تېببىي ساۋات



يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى بولسا  بۇغا ئائىلىسىدىكى ھايۋانات چىپار بۇغىنىڭ تېخى سۆڭەكلەشمىگەن قويۇق تۈكلۈك يۇمران مۈڭگۈزى بۇلۇپ. ئىششىقنى ياندۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. 


ئۇيغۇرچە نامى يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى
ئەرەبچە نامى قەرتۇل ئىل
ئىنگلىزچە Hairy Antler pilose antler
جىسمى قويۇق تۈكلۈك يۇمران مۈڭگۈزى
تەبىئىتى ئىككىنجى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى Hairy Antler pilose antler
پارسچە نامى شاخ گۇزەن
ئوردۇچە نامى شاخ گۇزەن


يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى بولسا بۇغا ئائىلىسىدىكى ھايۋانات چىپار بۇغىنىڭ تېخى سۆڭەكلەشمىگەن قويۇق تۈكلۈك يۇمران مۈڭگۈزى بۇلۇپ،ھايۋان مەنبەلىك دورا ھىسابلىنىدۇ.  ۋەتىنىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن چىقىدۇ ،رايونىمىز شىنجاڭدا مەخسۇس ئورۇنلاردا بىقىلىدۇ.


 خۇسۇسىيىتى
تەبىئەتنى، باھنى، بۆرەك ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، مەنىي تۇتۇش، جاراھەتنى پۈتتۈرۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، ئىشتىھانى ياخشىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش، پەي ۋە سۆڭەكلەرنى چىڭىتىش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. 
خاس تەسىرى
تەبىئەتنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار
ئەكىس تەسىرى
باش ئاغرىتىدۇ.
فارماكولوگىيلىك تەسىرى
 يۈرەك قان تومۇرلارغا بولغان تەسىرى: سىبىرىيە چىپار بۇغىسىنىڭ يۇمران مۈڭگۈزىدىن چىقىرىپ ئېلىنغان يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى جەۋھىرى كۆپ مىقداردا ئىشلىتىلسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەتراپ قان تومۇرىنى كېڭەيتىدۇ. 
پانتوكىرىن پۈتۈن بەدەننى قۇۋۋەتلەش تەسىرىنى بېرىدۇ. 
قارا تايغان بۇغا مۈڭگۈزىنىڭ كەسمىسىنى فىزىئولوگىيىلىك ئاش تۇز ئېرىتمىسىگە چىلاپ، تەييارلانغان سۇيۇقلۇقتىن ئورۇقدىنى ئېلىپ تاشلانغان ئاق چاشقانغا كىرگۈزۈلگەندە، ئۇلاردا جىنسىي بەز ھورمونلىرىدا كۆرۈنگەندەك جىنسىي بەز خىزمىتىنى قوزغىتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن. 
يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى ئۇزاققىچە ساقايمىغان ۋە بىخلىما گۆش ئۈنۈپ چىقىش ناچار بولغان يارىلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ.
 ئۆنۈملۈك تەركىبى
كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرى ،گلۇتامىك كىسلاتا (glutamic acid)، گلىتسىن(glycine)قاتارلىق، ئەرلىك ھورمون(androgen)، ئاياللىق ھورمون(estrogen) ،مەزى بىزى ماددىسى،خولىستىرىن،سۇ،ئورگانىك ماددىلار،سۇدا ئېرىيدىغان سىرغىما ماددىلار،ئىسپىرتتا ئېرىيدىغان سىرغىما ماددىلار، كۈل، كۈلنىـڭ تەركىبىدە كالتسـىي (Ca)، فوسفور (P)، ماگنىي (Mg) قاتارلىق ئېلېمېنتلار بار. سۇدا ئېرىيدىغان سىرغىما ماددىلىرىنىڭ كۆپ مىقداردا شىلىمشىق ماددىلار بار. ئاز مىقداردا ئىنرون (Oesterone) بار.
 ئىشلىتىش ئۇسۇلى 
 يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى، تاباشىر، كەتىرالاردىن يەتتە گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە كونا ئىسھالغا شىپا بولىدۇ.
 سۆئلەپ بىلەن بۇغا مۈڭگۈزىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ، تۇخۇم سېرىقىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
 ئاقاقىيا، ئانارگۈلى، ئەنجىباھار، بۇغا مۈڭگۈزىدىن بەش گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ قىلىپ ئىچىپ بەرسە قان توختىتىدۇ.
 مەرۋايىت بىلەن بۇغا مۈڭگۈزىنى كۆيدۈرۈپ سۇپۇپ قىلىپ سەپسە، ئېغىز يارىسىغا شىپا بولىدۇ.
بۇغا گۆشىنى سېرىقچېچەك بىلەن ياكى زىغىر يېغى بىلەن قورۇپ يېسە، باھنى قوزغايدۇ.
مىقدارى : ياشتىن چوڭلارغا 8~4 گرام، كىچىك بالىلارغا بېرىلمەيدۇ.
ساقلاش
ياز،كۈز پەسىللىرىدە ھەرىدىۋېلىپ پىششىقلىغاندىن كېيىن سالقىن جايدا ياكى ئوتتا قاقلاپ قۇرۇتۇلۇپ ساقلىنىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى
چىلان، بىنەپشە
 ۋەكىل خارەكتىرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى
بۇغا ھەمرىيى كۇمۇلىچى ، لوبۇبى كەبىر 
ئورۇنباسارى 
 بۆكەن مۈڭگۈزى
كېسەللىك مىسالى 
بۆرەك ۋە باھ ئاجىزلىقى، مەنىي تۇتالماسلىق، يۈرەك ۋە نېرۋا ئاجىزلىقى، ھەر خىل جاراھەتلەر، ھەر خىل سۇلۇق ئىششىقلار، پەي ۋە سۆڭەك بوشلۇقى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، تاماق سىڭمەسلىك، ئۈچەي جاراھىتى، قۇلۇنجى، جىگەر ۋە تال ئاغرىقى، قىچىشقاق، بەرەس، ئاق داغ، قوتۇر، چىش كېسەللىكلىرى، ھەيز توسۇلۇش، سۈت كەلمەسلىك، بىقىن ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.




خەتكۈچ: تۇمشۇق تىببىي دەستۇر ئامبۇلاتۇرىيەسى

ئىنكاس يوللاش: