تېبابەت تورى www.tibabat.cn

تۇمشۇق شەھەرلىك تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تېبابەت ئامبۇلاتۇرىيەسى باشقۇرىشىدىكى ساغلاملىق تور بىكىتى

جىگەر ياغلىشىشنىڭ ئالتە خىل ئاقىۋىتى

2019-9-10 tibabat تېببىي ساۋات





 جىگەر ياغلىشىش جىگەر ھۈجەيرىسىدە ياغ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان كېسەللىك. جىگەر ياغلاشسا بەدەندە مۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ:

  ئىشتىھا تۇتۇلۇش: جىگەر يېنىك دەرىجىدە ياغلاشسا ئالدى بىلەن ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مۇددەت ئىشتىھا تۇتۇلسا، ئاشقازان ياللۇغى ھەم باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچىيىپلا قالماي، يەنە جىگەر ياغلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىمۇ ئويلاشماي بولمايدۇ.

 كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق كۆپۈش: يېنىك دەرىجىدىكى جىگەر ياغلىشىش كېسىلى ئادەمدە كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇش، ياغدىن بىزار بولۇش، ئۈستۈنكى قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ماغدۇرسىزلىنىش: ئوتتۇرا دەرىجىلىك جىگەر ياغلىشىش كېسلى بىمارلىرىدا بۇرۇقتۇم بولۇش، ئاسان چارچاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ: جىگەر ياغلاشسا يۈز ۋە بويۇن، قولنىڭ دۈمبىسى، ئۈستۈنكى بىلەك، كۆكرەك ھەم مۈرىدە ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ پەيدا بولىدۇ.

ۋىتامىن ئازىيىش: جىگەر ياغلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، بەدەندە ۋىتامىن ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نېرۋا، تىل ۋە جاۋغاي ياللۇغلىنىش؛ تېرە كۆكىرىش، زىيادە مۈڭگۈزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ؛ يەنە ھەزىم يوللىرى، چىش مىلىكى ۋە بۇرنى قاناش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

 ئىچكى ئاجراتمىلار تەڭپۇڭسىزلىنىش: جىگەر ياغلىشىش كېسىلى ئېغىرلاشسا، ئەرلەرنىڭ كۆكسى تەرەققىي قىلىش، ئۇرۇقدان يىگىلەش، جىنسىي ئىقتىدار چېكىنىش؛ ئاياللاردا ھەيز كۆپىيىش، ھەيز توختاش، ئېغىرلىقى چۈشۈش ياكى ئېشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.


ئۇيغۇر تېبابەت تورى
www.tibabat.cn




خەتكۈچ: تۇمشۇق تىببىي دەستۇر ئامبۇلاتۇرىيەسى

ئىنكاس يوللاش: