تېبىي دەستۇر تىبابەت تورى www.tibabat.cn

تۇمشۇق شەھەرلىك تىببىي دەستۇر ئۇيغۇر تېبابەت ئامبۇلاتۇرىيەسى باشقۇرىشىدىكى ساغلاملىق تور بىكىتى

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكنىڭ قىسقىچە تەرەققىيات ئەھۋالى

2022-5-28 tibabat تېببىي ساۋات

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى تۈرلۈك ئاغرىق سىناقلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى جەريانىدا ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى ئەجدادلىرىمىز دورىلارنىڭ شىپالىق رولى . زىيانلىق تەسىرى زەھەرلىك ياكى زەھەرسىز ئىكەنلىكىنى بېلىش ئۈچۈن ھەر خىل مەنبەدىن كېلىدىغان دورا ماتېرىياللارنى ، تالاي قېتىم كۆرۈش ، پۇراش ، تېتىش ، سۇغا چىلاش ، ئوتتا ، كۆيدۈرۈش قاتارلىق تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى ھەمدە ھايۋانات ۋە ئۆزلىرىگە ئىشلىتىش ئارقىلىق نۇرغۇن دورىلارنى تونۇغان ۋە ئۇلارنىڭ تەبىئىتى خۇسۇسىيىتى ئىشلىتىلىشى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى ئىشلىتىش مىقدارى زىيانلىق تەسىرى تۈزەتكۈچىسى ئورۇن باسارى قاتارلىق مول دورىگەرلىك بىلىملىرىنى ھەم  بىر يۈرۈش داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مىراس قالدۇرغان .

ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات جەريانىدا ئالدىنقىلارنىڭ مىراسلىرىغا كېيىندىكىلەر ئىجادىيى ۋارىسلىق قىلىپ يېڭى -  يېڭى دورىلارنى تونۇپ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دورىگەرلىك بىلىملىرىنىي  تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئۇنى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىپ تىبابەتچىلىكىمىزنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىغا ئاساس سالدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇزاق تارىخىي ئەسىرلەردىن بېرى خەلقىمىزنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ساقلاش ھەر خىل ئاغرىق سىلاقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىش جەھەتلەردە زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلمەكتە .

图片


ھەممىگە مەلۇم ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ، مەيلى تارىخنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن دائىرسىنىڭ كەڭلىكى جەھەتتىن بولسۇن ، باشقا ئەل تىبابەتچىلىكى جۈملىدىن جۇڭيى ، زاڭزۇ ،  موڭغۇل تېبابەتچىلىك قاتارىدا ، ۋەتەن خەزىنىسىگە تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشقان .


ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئادەتتىكى خەلق ئارىسىدىكى داۋالاش ئىشلىرى كاتېگورىيىسىدىن ھالقىپ چىقىپ بىر خىل ئىلمىي تىبابەتچىلىك شەكلىگە كىرگەنلىكىگە 2500 يىلدىن ئاشتى . مىلادىدىن 770 يىل بۇرۇن ئالىملار ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقى ئالىملارنىڭ تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ يېزىپ چىققان ئەڭ قەدىمكى جۇڭيى تىبابەت ئەسىرى ، <<خۇاڭدى ئىچكى كېسەللىكلەر دەستۇرى>> نىڭ باشقىلارنىڭ شىپالىق نۇسخا ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە دېگەن بابىدا غەربىي دىيار شىنجاڭنىڭ كىلىماتى تەبىئىي شارائىتلىرىنى تەپسىلىي سۆزلىگەندىن كېيىن ، ئۇ يەردە ياشايدىغان خەلقلەردە كېسەللىك ئىچىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ .  داۋالاشتا زەھەرلىك دورىلار قوللىنىدۇ ، شۇڭا زەھەرلىك دورىلار غەربىي دىياردىن كېلىدۇ دەپ ئېنىق بايان قىلىنغان ، بۇ كىتاب بۇنىڭدىن 2500  يىلچە بۇرۇن چىن ، خەن جەنگو دەۋىردىن بۇرۇنقى بىر قانچە ئەسىر ئىچىدە جۇڭيى تېۋىپلىرى قايتا - قايتا تولۇقلاپ تۈزۈپ چىققان ئەسەردىن ئىبارەت ، دېمەك بۇنىڭدىن تەىمىنەن 3000 يىل بۇرۇنلا غەربىي دىيار (شىنجاڭ) خەلقى داۋالاشتا زەھەرلىك دورىلارنى ئىشلىتەلەيدىغان ۋە ئىچكىرىگە زەھەرلىك ھەم كۈچلۈك تەسىر قىلىدىغان دورىلارنى كىرگۈزەلەيدىغان دەرىجىدىكى نىسبەتەن يۇقىرى سەۋىيەلىك . تىبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىك ئىلىملىرىگە ئىگە بولمىسا مەزكۇر كىلاسسىك تېببىي ئەسەردە غەلىبە دىيارنىڭ دورا ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى مۇنداق روشەن قايتا قىلىنمىغان بولاتتى . ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇھىم بىر مەدەنىيەت مىراسى بولغان تىبابەتچىلىكتە يېمەكلىك ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ ھېلىھەم ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق .

图片

مەسىلەن ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 352- يىللىرى خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق تېۋىپ غازى باينىڭ ئورخۇن ھىنسىيە يېزىقى بىلەن مەنىداش بولغان كاروچتى يېزىقىدا يېزىلغان 312 ماددىلىق <<ئوت چۆپ دورىلار قامۇسى>> نى ئەپلاتۇن  كۆرۈپ غاز باينىڭ تېببىي ئىلمىدىكى . ماھارىتىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا جاۋابەن ئامراق قىزى ئەنفىيالۇسىنى غاز باينىڭ ئوغلى بارىغا نىكاھلاپ بەرگەنلىكى ۋە مىلادى 257 يىللىرىدا ئۆتكەن جىۋا ۋە ئۇنىڭ قىزى كومېراجى بار ، مىلادى ئالتە يۈز توقسان يەتتە يۈز ئاتمىش بەشىنچى يىللىرى ئۆتكەن كەنجى قالغىن مىلادى 730 يىللىرى ئۆتكەن جان باشلىق قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دورىگەرلىك ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى  ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىككىنچى ئەۋلاد دەرسلىكى ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزەرىيىلىرى ئىلمىدىن كۆرۈۋالالايمىز .


ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك ئەجدادلىرىمىز ھايات كەچۈرگەن تارىم ۋادىسىدىكى تاغ دەريالاردىن چىقىدىغان زور كۆپچىلىك ئۆسۈملۈك مەدەنلەر كېسەل داۋالاشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىلار بولۇپ بۇنىڭدىكى مەركىزىي مەسىلە ئەنە شۇ ماددىي ئەشيالارنىڭ تەبىئىتى خۇسۇسىيىتى قايسى خىل كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتۇر ئەقىل پاراسەتكە تويۇنغان ئەجدادلىرىمىز بۇ خىل ئىقتىدارىنى خېلى بۇرۇنلا ئۆزىگە ھازىرلىغان بولغاچقا تەبىئەت دۇنياسىدىكى سانسىزلىغان دورا ماتېرىياللارنىڭ خاسىيەتلىرىنى ئاستا ئاستا ئىگىلەپ چىققان . ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۇزۇن تارىخىنى ئەسلىگىنىمىزدە يېقىنقى مىڭ يىللىق تارىخىي جەريانىدا ئەبۇ نەسىر فارابى  ، ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنانىڭ ، تىبابەتچىلىك تەلىماتىنىڭ مۇھىم ئۇتۇقلىرى ۋە تەسىرى ئۈستىدە توختالماي ئۆتەلمەيمىز  فارابىي ۋە ئېبېنسىنانىڭ تېببىي تەلىماتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت كەڭ رايونلارنىڭ ئەسلىدە بار بولغان پەن مەدەنىيىتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلىدۇ . مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، فارابىي 160 پارچە ئەسەر يازغان بولۇپ بۇنىڭدىن بىزگە مەلۇم بولغان تىپ ئەسەرلىرى <<ساراڭلىق ھەققىدە>> ، <<ئەزالارنىڭ خىزمىتى ھەققىدە>> <<تەبىئەت ھەققىدە تەبىئەت جىسىملىرىنىڭ ئىسسىق سوغۇق ، ھۆل قۇرۇقلۇقى ھەققىدە>> <<ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ھەققىدە>> پىكىر قىلىش ، ئەقىل ئىدراك ۋە ئۇنىڭ تاكاملىنىشى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .

图片

1949 - يىلى شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولۇپ جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ مىللەتلەر ئازادلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى مىسىلسىز تەرەققىي قىلىش ئىستىقبالىغا ئېرىشتى ، شۇ قاتاردا ئۇيغۇر تېبابىتىمۇ تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىشكە باشلىدى . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 1951 - يىلى مەملىكەتلىك سەھىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر قايسى ئەنەنىۋى تېبابەتچىلىكنى جۈملىدىن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكنى ۋەتەن تېبابەتچىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى  دەپ تۇنىدى ، 1978 -  يىلى ئەنەنىۋى تېبابەتچىلىكنى قوغداش يۆلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەنەنىۋى تېبابەتچىلىك ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈپ  مەملىكىتىمىزدىكى ئەنەنىۋى تېبابەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قانۇنىي ئاساسىي بىلەن تەمىنلىدى شۇنىڭدىن بۇيان مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم ئەنەنىۋى تىبابەت خىزمەت يىغىنى ئاچتى ئاپتونوم رايونىمىزدا جۇڭيى  مىللى تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىپ ، ئەنەنىۋى تېبابەتچىلىككە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ  مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دۆلەت مالىيىسىدىن زۆرۈر مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ، مىللىي تىبابەت مۇئەسسەسىلىرىنى قۇردى . ۋە تەرەققىي قىلدۇردى دۆلەتنىڭ ۋە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ، ئۈرۈمچى ، قەشقەر ، خوتەن ، كۇچا ، يەكەن ، غۇلجا قاتارلىق شەھەر ۋىلايەت ئوبلاست ناھىيىلىرىدە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ دۆلەت ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىلىرىدىن 42 سى قۇرۇلدى بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكىدىن بىر ، ۋىلايەت ، ئوبلاست ، دەرىجىلىكىدىن ئالتە ، ناھىيە دەرىجىلىكىدىن ئوتتۇز نەچچىسى بار ، شتاتى تەرەققىي قىلىپ 2700 ئاشتى كارۋات سانى 2152 گە يەتتى . ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى دۆلەت جۇڭيى تېبابەتچىلىك دورىگەرلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە نەمۇنىلىك ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى دېگەن نامغا ئېرىشتى ئاق كېسەلنى داۋالاش جەھەتتە دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مەخسۇس كېسەللىكلەر قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۇيغۇر تېبابەت داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى تۈزۈپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر تېبابەت داۋالاش ئورگانلىرى ئۆلچەملىك باشقۇرۇشنى يولغا قويدى شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورا زاۋۇتى زۇكام جەۋھىرى قاتارلىق 120 خىلدىن ئارتۇق دورىنى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسى دورا زاۋۇتى كالى زىرە ئوكۇلى قاتارلىق 130ز خىل دورىنى ، خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى دورا زاۋۇتى 147 خىل دورىنى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومى دورا زاۋۇتى ئەۋرىشىم ئىچىملىكىنى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقات ئورنى غەرغەر . سۈيىنى ئىشلەپچىقىرىپ ياخشى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشمەكتە . ئۇنىڭدىن باشقا ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر تېبابىتى شىپاخانىلىرىدا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان دورىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى ئۆز تۇپرىقىدىن چىقىدىغان ئۆسۈملۈك ۋە مەدەنلەر بولغاچقا ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ھەر خىل مۇرەككەپ دورىلارنى ياساش ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك . تارماقلىرى ھەر قايسى شىپاخانىلاردا بىر قەدەر زامانىۋى ماشىنا سايمانلىرى بولغان دورا ياساش بۈلۈملىرىنى قۇرۇپ بەردى ، بۇ بۈلۈملەرمۇ بىر قىسىم يەرلىك دورىلارنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئۆز ئېھتىياجىدىن چىقماقتا ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى شەھەر بازارلاردا دۆلەت ئېتىراپ قىلغان ، خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئورۇنلىرى تەخمىنەن مىڭدىن ئاشىدۇ .

图片

ئۇيغۇر تېبابىتى مائارىپى جەھەتتە دۆلىتىمىز 70 يىللىرى يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر تېبابىتى خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈشنى دۆلەت پىلانىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن بىر تۇتاش ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى يولغا قويۇپ ئۈرۈمچى ، قەشقەر ، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېببىي تېخنىكوملاردا ئۈچ يىل تۆت يىل مۇددەتلىك مەخسۇس ئۇيغۇر تىبابەت سىنىپلىرىنى تەشكىل قىلىپ زور بىر تۈركۈم ياش ئۇيغۇر تېبابىتى خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى 1985- يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى خوتەن شەھىرىدە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي تېخنىكومى قۇرۇلۇشىنى رەسمىي تەستىقلاپ كۆپ مىقداردا مەبلەغ ئاجراتتى ، مەكتەپ قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن 1987- يىلى تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى ئوقۇتۇش پەن .  تەتقىقات ۋە ئىلمىي تەجرىبىدە بىرلەشتۈرۈلگەن ، ئۇنۋېرسال بىلىمى يۇرتى بولۇپ ، داۋالاش پاكۇلتېتى ، دورىگەرلىك ، پاكۇلتېتى قاتارلىق كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان ھازىرغىچە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر تېبابىتى ئورگانلىرىدا داۋالاش دورىگەرلىك ئوقۇ - ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشلىرىدىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇپ قالدى . شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى نامىدا1998 - يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە تولۇق كۇرس سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىدى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2006-  يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى تولۇق كۇرس بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى ، جياڭشى ئۆلكىلىك جوڭگۇ تېبابەتچىلىك ئىنستىتۇتى شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى بىلەن ھەمكارلىشىپ 2005 - يىلى تۇنجى تولۇق كۇرۇس ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە 48 نەپەر ئوقۇغۇچى  قىلدى .

图片

1983 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئاپتونوم رايۇنلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن جوڭگۇ تېببىي قامۇسىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت تومى (ئالتە توم) پېشقەدەم ئۇيغۇر تېبابىتى ھۆكىمالىرىنىڭ قەلەم تەۋرىتىشى بىلەن يېزىپ چىقىرىپ شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985- يىللىرى نەشر قىلىندى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ . دورا ئۆلچىمى 1998 - يىلى نەشر قىلىندى .


图片


خەتكۈچ: ئابدۇرېھىمجان دوختۇر

ئىنكاس يوللاش: